دۇنيادىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن مەبلەغ تەكشۈرۈشىدە جۇڭگو 2-ئ
ئاپتۇر:admin   يوللانغان ۋاقىت:2017-08-03 12:22:20   كۆرۈلىشى:

20170802172508600.jpg

سىنا تورى 2-ئاۋغۇست خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئاخبارات ئاگېنتلىقى خەۋىرىگە قارىغاندا، خەلقئارا گاللۇپ ( International Gallup)دىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو مەبلىغى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەنلەرنىڭ بىرى بولغان.

ئامېرىكا ئەل رايى تەكشۈرۈشىدە 1-ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، تەتقىقاتقا قاتناشقان 67 دۆلەت ئىچىدىكى 36 دۆلەتنىڭ ئاھالىلىرى مەزكۇر دۆلەتنىڭ مەبلىغىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

ئومۇمىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، پۈتۈن دۇنيادىكى %29 زىيارەت قىلىنغۇچى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ مەبلىغىگە ئېرىشىشنى خالايدىكەن، %21 كىشى جۇڭگونى تاللىغان. ئەنگلىيە (%10)، رۇسىيە (%9) ۋە فىرانسىيەلەر (%8) ئاساسەن ئوخشاش بېلەتكە ئېرىشكەن. پۈتۈن دۇنيادىكى پەقەت %4 زىيارەت قىلىنغۇچى ھىندىستاننىڭ مەبلىغىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. %8 زىيارەت قىلىنغۇچى تىلغا ئېلىنغان دۆلەتلەرنىڭ مەبلىغىگە ئېرىشىشنى رەت قىلغان.

جۇڭگونى يوشۇرۇن مەبلەغ سالغۇچىغا تاللىغان دۆلەتلەردىن ئافرىقا دۆلەتلىرى بار بولۇپ، كونگو (% 60)، نىگېرىيە (% 48)، كوتېدىۋا (%43) ، گانا (%37) شۇنىڭدەك قوشنا دۆلەتلەردىن پاكىستان (%77)، بېنگال (% 45)، تايلاند (% 42) ۋە رۇسىيە (%45) قاتارلىقلار بار ئىكەن.

خەلقئارا گاللۇپنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى ئاندىرى مىلىكىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «دۇنيا خەلق رايىنى تەكشۈرۈش يەنە بىر قېتىم ئىككى كۈچلۈك دۇنيا مەركىزىنى ياكى ئىككى قۇتۇپلۇق تەرەققىيات مەركىزىنى ئىسپاتلىدى. بىر تەرەپ، ياۋروپا ئانگلو-ساكسون پىرىنسىپى دۆلەتلىرى ئەتراپىغا يىغىلىپ ئامېرىكىنى قوللىغان بولسا، يەنە بىر لاگېر تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەر ۋە ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ رۇسىيە ۋە بىر قىسىم سلاۋيان مىللەتلىرى، جۇڭگو شۇنىڭدەك ئۇنىڭغا قوشنا دۆلەت ۋە رايونلارغا مەركەزلىشىپ جۇڭگونى قوللىدى. بۇنداق ئىككى قۇتۇپلۇق ئىقتىساد ۋە مەبلەغ قانداقلا بولمىسۇن پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى بۇنىڭ تەسىرىدە رىقابەت بارلىققا كېلىدۇ.»

67 دۆلەتتىكى 66 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم زىيارەتنى قوبۇل قىلغان. ئەل رايىنى تەكشۈرۈش ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئەۋرىشكسىگە ئاساسەن قىلىنماقتا.



15017344781187.png          15017345261383.png


ئىنكاس

Comment

قوللاش
ئورگان ئۈندىدار

ئورگان
ئۈندىدار سالۇنى

شىنجاڭ بايزات سودا ئۇچۇر مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى Copyright ©fxbaybol.com 京ICP备88888888号 Powered by CmsEasy