ئالتۇننىڭ باھاسى 8 ھەپتىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا چىقتى
ئاپتۇر:admin   يوللانغان ۋاقىت:2017-08-03 12:01:22   كۆرۈلىشى:

20170803103346423.jpg

سىنا تورى 2-ئاۋغۇست خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

نيۇيورك تاۋار بىرژىسىنىڭ ئاساسىي توختامى: 12-ئايدا ھېساب ئۈزىدىغان ئالتۇن قەرەللىك مال باھاسى 6 دوللار ئۆسكەن بولۇپ، 1279.40 ئامېرىكا دوللىرى/ئۇنسىيە بىلەن 6 يىلدىن بۇيان ئەڭ يۇقىرى باھادا بازار يېپىلغان.

10-ئىيۇل 1204.45 ئامېرىكا دوللىرى بىلەن بازار يېپىلىپ يېقىنقى مەزگىلدىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغاندىن بۇيان، نەق ئالتۇن باھاسى تەخمىنەن 75 ئامېرىكا دوللىرى ئۆستى.

1-ئاۋغۇست ئېلان قىلىنغان ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ 6-ئايدىكى ئىستېمالچىلار چىقىمى ئاران %0.1 ئېشىپ، 2017-يىلدىكى ئەڭ تۆۋەن ئېشىش نىسبىتى بولۇپ قالغان. دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئالتۇننىڭ قەرەللىك مال باھاسى چۈشۈشتىن ئۆسۈشكە قاراپ يۈزلەنگەن.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى كۆڭۈل بۆلىدىغان يادرولۇق سانلىق مەلۇمات ئوخشاشلا پەقەت %0.1 ئۆرلىگەن.

تەمىنلەشنى باشقۇرۇش جەمئىيىتى (ISM)نىڭ 7-ئايلىق ياساش كەسپى پائالىيىتى كۆرسەتكۈچى كىچىك نىسبەتتە تۆۋەنلەپ %56.3كە چۈشكەن، لېكىن بۇ ياسىمىچىلىق ئەھۋالىنىڭ يەنىلا ساغلام ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

يېقىندىن بۇيان ئامېرىكىدا پۇل پاخاللىقىدا ئاجىزلاش ئالامەتلىرى كۆرۈلدى، بازار كۆزەتكۈچىلەر ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشىغا بولغان كۈتۈلمە قىممەتنى تۆۋەنلەتتى. ئادەتتە ئۆسۈم قوشۇش ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئالتۇننىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ.

Kitco Metals شىركىتىنىڭ يەر شارى سودا مەسئۇلى پېتتىر خاگ (Peter Hug) مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، ئۆتكەن بىر نەچچە ئاي ئىچىدە بازارنىڭ ئورتاق تونۇشى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى مەيدانىنىڭ تېخىمۇ ئاكتىپ بولغانلىقىنى مۆلچەرلىدى، لېكىن مېنىڭچە بۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ.»

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ئىقتىسادى ئەسلا كۈچلۈك ئەمەس بولۇپ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى بۇ يىل داۋاملىق ئاكتىپ ئۆسۈم قوشۇشنى قوللىمايدىكەن ياكى 4 تىرىليون 500 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق كاپىتال قەرز جەدۋەل كۆلىمىنى زور دەرىجىدە ئازايتىشقا باشلايدىكەن. باشقا بىر قىسىم تەھلىلچىلەرمۇ ئوخشاش قاراشتا بولماقتا.


ئىنكاس

Comment

قوللاش
ئورگان ئۈندىدار

ئورگان
ئۈندىدار سالۇنى

شىنجاڭ بايزات سودا ئۇچۇر مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى Copyright ©fxbaybol.com 京ICP备88888888号 Powered by CmsEasy