2017-يىل 2-ئاۋغۇست: FX168 ئالتۇن خەۋىرى
ئاپتۇر:admin   يوللانغان ۋاقىت:2017-08-02 13:20:51   كۆرۈلىشى:

خەلقئارا نەق مال ئالتۇن باھاسى 2-ئاۋغۇست ئەتىگەن ئاسىيا بازىرىدا 1268 دوللار ئەتراپىدا ھەرىكەت قىلدى، تۈنۈگۈن ۋاشىنگتوندىكى سىياسىي داۋالغۇش ۋە ئامېرىكا ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلىرى ئىپادىسىنىڭ ئاجىز بولۇشى تۈپەيلىدىن ئامېرىكا فېدراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشىغا قارىتا مۆلچەر تۆۋەنلەپ، ئالتۇن ئۆسۈپ، يۇقىرى نۇقتا 1274.25 دوللارغا يەتتى، بۇ يەتتە ھەپتىدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتا ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈن مەبلەغ سالغۇچىلارADP سانلىق مەلۇماتىغا ۋە ئامېرىكا فېدراتسىيە زاپاس پۇل كومىتتېىنىڭ ئىككى نەپەر تەدبىر بەلگىلىگۈچى ئەمەلدارىنىڭ سۆزىگە دىققەت قىلىشى كېرەك.

تېخنىكىلىق جەھەتتە، كۈنلۈك بازاردا ئالدىنقى سودا كۈنىدە ئالتۇن باھاسى 1274 دوللار ئەتراپىنى يوقلىغاندىن كېيىن، كىرىست شەكىللىك شام سىزىقىدا بازار يېپىلدى، تېخنىكىلىق كۆرسەتكۈچ جەھەتتە، MACD قىزىل رەڭلىك ئېنىرگىيە تۈۋرۈكى قىسقىرىدى، قوش سىزىق ئالتۇن كېسىشمە ھاسىل قىلىپ يۇقىرىغا كېڭەيدى، KDJ كۆرسەتكۈچى يۇقىرى ئورۇننى ساقلىدى. ئوتتۇرا مەزگىللىك خەۋپ ئۆسۈشكە مايىل، سائەتلىك بازار ھالىتىدىن قارىغاندا باھانىڭ ئۆسۈشى ئاستىلىغان بولسىمۇ، قىسقا مەزگىللىك ئۆۈش يۆنىلىشى تېخى ئۆزگەرمىدى، 1278-1280 دوللار ئەتراپىغا چىقالىشىدىن ئۈمىد بار.

نۆۋەتتىكى دەسلەپكى بېسىم1278-1280، كېيىنكى بېسىم  1296-1300، 1315، 1337، 1350، 1375  دەسلەپكى تىرەك 1250، 1230، كېيىنكى تىرەك 1220،  1204-1195، 1180، 1172، 1158.

ئالتۇننىڭ كۈنلۈك بازار ھالىتى

ئالتۇنغا پايدىلىق بولۇۋاتقان ئاساسىي يۈز ئامىللىرى:

1.ئامېرىكا 6-ئايلىق شەخسىي ئىستېمال چىقىمى ئالدىنقى ئايدىكىىدن %0.1 ئاشقان، 6-ئايلىق شەخسىي تاپاۋەت ئالدىنقى ئايدىكىسى بىلەن تەڭلەشكەن، ئۇدا يەتتە ئايلىق ئېشىشنى ئاخىرلاشتۇرغان، مۆلچەردىكى ئېشىش نىسبىتى %0.4 بولغان.

2.ئامېرىكا 6-ئايلىقPCE مال باھا كۆرسەتكۈچى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.1 ئاشقان، مۆلچەردىكىگە ئويغۇن بولغان، 6-ئايلىق يادرولۇق PCE مال باھا كۆرسەتكۈچى ئالدىنقى يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.5 ئاشقان، ھەم مۆلچەردىكىدىن كۆپ ياخشى بولغان. ئالدىنقى تۈزىتىلگەن قىممىتى بىلەن تەڭلەشكەن، ئەمما %2 لىك نىشاندىن تېخى يىراق.

3.ئامېرىكا 6-ئايلىق قۇرۇلۇش چىقىمى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %1.3 چۈشكەن، يەنى 1 ترېلىيون 206 مىليارد بولغان، مۆلچەردىكى ئېشىش نىسبىتى %0.4 بولغان، 5-ئايلىق قۇرۇلۇش چىقىمى تۈزىتىلگەندىن كېيىنكى قىممىتى %0.3 ئاشقان، ئالدىنقى قىممىتى بىلەن تەڭلەشكەن. 

4. ئامېرىكا 7-ئايلىق ياسىمىچىلىق كۆرسەتكۈچى چۈشۈپ كەتكەن، ھەمدە مۆلچەردىكىدىن تۆۋەن بولغان، 7-ئايلىق ياسىمىچىلىق كۆرسەتكۈچى 56.3، مۆلچەردىكىسى 56.5، 6-ئايدىكىسى 57.8 بولغان.

5.ئامېرىكا ئاقساراينىڭ دۈشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، ئاقساراي ئالاقە ئىشخانىسىنىڭ ۋەزىپىگە ئۆتىگىلى تېخى بىر ھەپتىمۇ بولمىغان مۇدىرى Anthony Scaramucci  خىزمەتتىن ئايرىلماقچى بولغان، ئالدىنقى ھەپتە تىرامپ ھۆكۈمىتى ئۈچۈن تىنجىمىغان بىر ھەپتە بولدى، داۋالاش ئىسلاھاتى تەستىقتىن ئۆتمىدى، تىرامپنىڭ باياناتچىسى ۋە سابىق مەسلىھەتچىسى ۋەىزپىسىدىن ئىستېپا بەردى.

6. 25-ئىيۇلغىچە بولغانCOMEX ئالتۇن ئۆسۈش مېلىنىڭ قول سانى 46228 قول ئېشىپ، 75048 قولغا يەتكەن.

ئالتۇنغا پايدىسىز بولۇۋاتقان ئاساسىي يۈز ئامىللىرى:      

1.بۇ يىل 7-ئايدا مەبلەغ سالغۇچىلار دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئالتۇن زاپاسلاش ئورگىنىETF SPDR Gold Shares دىن 2 مىليارد 400 مىليون دوللار قىممىتىدىكى مەبلىغىنى چېكىندۈرگەن، بۇ 2013-يىل 5-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ مەبلەغ ئېقىش ئايلىق كۆلىمى ھېسابلىنىدۇ.

2.ئامېرىكا 6-ئايلىق پۈتكەن ئۆي كۆرسەتكۈچى %1.5 ئاشقان، 110.2 گە يەتكەن، مۆلچەردىكى ئېشىش نىسبىتى %0.7، 5-ئايدىكى قىممىتى 108.6.

3.ئامېرىكا 7-ئايلىق داللاس فېدراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى سودا پائالىيىتى كۆرسەتكۈچى 16.8، مۆلچەردىكىسى 13، ئالدىنقى قىممىتى 15.


ئالدىنقى ماقالە2017-يىل 1-ئاۋغۇست: FX168 ئالتۇن خەۋىرى
كېيىنكى ماقالەيوق

ئىنكاس

Comment

قوللاش
ئورگان ئۈندىدار

ئورگان
ئۈندىدار سالۇنى

شىنجاڭ بايزات سودا ئۇچۇر مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى Copyright ©fxbaybol.com 京ICP备88888888号 Powered by CmsEasy