تىرامپ يەنە بىر قېتىم ئامېرىكا دوللىرىنىڭ "قاتىلى"
ئاپتۇر:admin   يوللانغان ۋاقىت:2017-08-02 13:12:26   كۆرۈلىشى:

ئوقۇش يېتەكچىسى: تىرامپ يەنە بىر قېتىم ئامېرىكا دوللىرىنىڭ "قاتىلى" غا ئايلاندى. دۈشەنبە كۈنى ۋەزىپىگە ئولتۇرغىنىغا ئون كۈن بولغان ئاق ساراينىڭ ئالاقە ئىشلىرى ئىشخانىسى مۇدىرى تۇيۇقسىز تىرامپنىڭ ئىشتىن بوشىتىشىغا ئۇچرىدى، بۇ ئەھۋال ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسى سىياسىي مۇقۇمسىزلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. بۇ خەۋەرنىڭ تەسىرىدە ئامېرىكا دوللىرى يەنىمۇ بېسىمغا ئۇچراپ، بەش ئايدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتىغا چۈشتى. ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئۇدا زەربىگە ئۇچرىشى سەۋەبلىك، ئالتۇن 7- ئايدا فېۋىرال ئېيىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئايلىق ئۆرلەش كۆلىمىنى ياراتتى.




ئامېرىكىنىڭ نىيۇيورك ۋاقىت گىېزىتىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ئىلگىرى ئاق ساراينىڭ ئالاقە ئىشخانىسى مۇدىرى Anthony Scaramucci  نى ئىشتىن بوشىتىدىغانلىقىنى ئېيىتقان بولۇپ، شۇنىڭ كېيىن ئاق ساراي بايانات ئېلان قىلىپ، Anthony Scaramucci  نى ئىشتىن بوشىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغىنىغا ئاران ئون بولغانىكەن.

دۈشەنبە كۈنى نىيۇيورك بازىرىدا بۇ خەۋەرنىڭ تارقىلىشى بىلەن دوللار كۆرسەتكۈچى ۋە USDJPY قاتارلىق پۇللار كۈن ئىچىدە تۆۋەن نۇقتا ھاسىل قىلدى. دوللار كۆرسەتكۈچى 5- ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم تۆۋەن نۇقتا 92.79 نىڭغا تەگدى.

EURUSD  مۇ 2015- يىلى 1- ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم 1.18 نى بۇزۇپ چۈشۈپ كەتتى، USDJPY مۇ ھەپتىلىك تۆۋەن نۇقتا 110.22 غا تەگدى.

Oandaنىڭ پېرىۋوت ئانالىزچىسى Alfonso Esparza  مۇنداق دېدى: "Anthony Scaramucci   نىڭ ۋەزىپىدىن قالدۇرۇلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنىڭ مۇقۇملاشتۇرۇلىشى، تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىناۋىتىگە قىلىنغان يەنە بىر قېتىملىق زەربە بولدى. "

تىرامپنىڭ باج سىياسىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرقاتار مالىيەنى قوزغىتىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇش پىلانىغا بولغان گۇمان ئامېرىكا دوللىرىنىڭ يەنىمۇ چۈشۈشىگە سەۋەب بولدى، شۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا دوللىرى 7- ئايدا جەمئىي %2.9 چۈشتى، بۇ بۇلتۇر 3- ئايدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئايلىق چۈشۈش كۆلىمى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

بۇ يىلنىڭ بېشىدىن ھازىرغا قەدەر ئامېرىكا دوللىرى %8 يېقىن چۈشتى، زۇڭتۇڭ سايلىمىدىن كېيىنكى چوڭ ئۆرلەش كۆلىمىنى يوقىتىپ قويۇپلا قالماستىن يەنە، سايلامدىن بۇرۇنقى سەۋىيىسىنىڭمۇ ئاستىغا چۈشۈپ كەتتى. بۇلارنى تىرامپ بىر قوللۇق كەلتۈرۈپ چىقاردى دىيىشكىمۇ بولىدۇ، ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئىنتايىن ئۇلۇغ ئىقتىسادىي پىلانىنى ئۈزلۈكسىز ئاجىزلاشتۇرىۋەتتى.Aتىدۇ، فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى  James Comey  نى ۋەزىپىدىن قالدۇرۇشتىن، تىرامپنىڭ روسىيە بىلەن ئالاقىسى بار دەپ شىكايەتكە ئۇچرىشىغىچە، ئاندىن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ئوبامانىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتا لايىھىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىيالمىغىنى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك، تاشقى پېرىۋوت بازىرىدا مۇنداق بىر ئورتاق قاراشنى پەيدا قىلدى،  ئۇ بولسىمۇ ئامېرىكا دوللىرىنى تۆكمە قىلىپ سېتىش.

مونېتا تەتقىقات ئورنىنىڭ باش دېرىكتورى جوڭ جېڭ شېڭ بىلەن تەتقىقات خادىمى شىيا تىيەن رەننىڭ دۈشەنبەكۈنى ئېلان قىلغان بىر پارچە دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە: ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قاڭقىش قاڭقىيالماسلىقى تىرامپ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى يەنە ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى قاتارلىق ئۈچ تەرەپنىڭ ئورتاق تەسىر قىلىشى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىكەن. نۆۋەتتە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى داۋاملىق كەپتەر مەزھىپىگە مايىللىقىنى بىلدۈرىۋاتىدۇ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىمۇ ھازىر پۇل سىياسىتىنى قىسماسلىقى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىككى سەۋەبنى بازار ئاللىبۇرۇن ھەزىم قىلىپ بولدى، شۇڭا كېيىنكى بازاردا تىراپنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقى پۈتكۈل دۇنيا بازىرىنىڭ دىقىتىنى ئۆزىگە باشقىچە قارىتىۋاتىدۇ.

روجىنسىنىرنىڭ كۆرسىتىشىچە، پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى كۆرۈلسە، ئالتۇن شىددەت بىلەن ئۆرلىشى مۇمكىن، چۈنكى ئاممىنىڭ قەغەز پۇلغا بولغان ئىشەنچى تۆۋەنلەپ كەتتى.

روجىنسىنىڭ ھازىر قولىدىكى ئالتۇننىڭ مىقدارىنى ئۆزگەرىتمەي ساقلاۋاتقانلىقىنى، ئەگەر ئالتۇننىڭ باھاسى تۆۋەنلەپ 1000 نىڭ تۆۋىنىگە چۈشۈپ قالسا، شۇ يەرلەردىن مال قوشىدىغانلىقىنى، چۈنكى ھۆكۈمەت ۋە خەلقنىڭ ھامانى بىر كۈنى قەغەز پۇلغا بولغان ئىشەنچىنى يوقىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مەبلەغ سالغۇچىلارنى يەنە بىر قېتىملىق كىرىزىس يىتىپ كېلىشتىن بۇرۇن ساقلىنىش تەدبرىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئەسكەرىتتى. 


ئىنكاس

Comment

قوللاش
ئورگان ئۈندىدار

ئورگان
ئۈندىدار سالۇنى

شىنجاڭ بايزات سودا ئۇچۇر مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى Copyright ©fxbaybol.com 京ICP备88888888号 Powered by CmsEasy