2017-يىل 1-ئاۋغۇست: FX168 ئالتۇن خەۋىرى
ئاپتۇر:admin   يوللانغان ۋاقىت:2017-08-01 15:42:19   كۆرۈلىشى:

خەلقئارا نەق مال ئالتۇن باھاسى1-ئاۋغۇست ئەتىگەن ئاسىيا بازىرىدا1270 دوللارنىڭ ئاستىدا ھەرىكەت قىلدى، تۈنۈگۈن يۇقىرى نۇقتا 1271.19 دوللارغا يەتكەن ئىدى. بۇ يەتتە ھەپتىدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتا بولۇپ، ئاساسلىقى ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىنىڭ چۈشۈشى سەۋەبىدىن ئۆسۈپ كەتكەنىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاقساراي ئالاقە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرىAnthony Scaramucci نىڭ خىزمەتتىن ئايرىلماقچى بولغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرمۇ ئامېرىكا سىياسىي ۋەزىيىتى مۆلچەرىدىكى مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتىنى كۈچەيتىۋەتتى. بۈگۈن مەبلەغ سالغۇچىلار ئامېرىكىنىڭ شەخسىي ئىستېمال چىقىمى كۆرسەتكۈچى ۋە ياسىمىچىلىق كۆرسەتكۈچى،PMI كۆرسەتكۈچى قاتارلىق ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئىپادىسىگە دىققەت قىلىشى كېرەك.

تېخنىكىلىق جەھەتتە، كۈنلۈك بازاردا ئالدىنقى ئىككى سودا كۈنىدە ئالتۇن باھاسى 1270 دوللاردىكى بېسىمنى سىنىدى، تېخنىكىلىق كۆرسەتكۈچ جەھەتتە، MACD قىزىل رەڭلىك ئېنىرگىيە تۈۋرۈكى ئازراق قىسقىرىدى، قوش سىزىق ئالتۇن كېسىشمە ھاسىل قىلىپ يۇقىرىغا كېڭەيدى، KDJ كۆرسەتكۈچى يۇقىرى ئورۇننى ساقلىدى. ئوتتۇرا مەزگىللىك خەۋپ ئۆسۈشكە مايىل، سائەتلىك بازار ھالىتىدىن قارىغاندا باھانىڭ ئۆسۈش ئېھتىماللىقى يۇقىرى، بەلكىم 1278-1280 دوللار ئەتراپىدىكى قايتىش ئورنىغا چىقالىشى مۇمكىن.

نۆۋەتتىكى دەسلەپكى بېسىم 1271،كېيىنكى بېسىم  1278-1280،  1296-1300، 1315، 1337، 1350، 1375  دەسلەپكى تىرەك 1250، 1230، كېيىنكى تىرەك 1220،  1204-1195، 1180، 1172، 1158.

ئالتۇننىڭ كۈنلۈك بازار ھالىتى

ئالتۇنغا پايدىلىق بولۇۋاتقان ئاساسىي يۈز ئامىللىرى:

1.ئامېرىكا ئاقساراينىڭ دۈشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، ئاقساراي ئالاقە ئىشخانىسىنىڭ ۋەزىپىگە ئۆتىگىلى تېخى بىر ھەپتىمۇ بولمىغان مۇدىرى Anthony Scaramucci  خىزمەتتىن ئايرىلماقچى بولغان، ئالدىنقى ھەپتە تىرامپ ھۆكۈمىتى ئۈچۈن تىنجىمىغان بىر ھەپتە بولدى، داۋالاش ئىسلاھاتى تەستىقتىن ئۆتمىدى، تىرامپنىڭ باياناتچىسى ۋە سابىق مەسلىھەتچىسى ۋەىزپىسىدىن ئىستېپا بەردى.

2.چاۋشيەن 28-ئىيۇل كېچىدە يەنە بىر قېتىم  يادرو بومبىسى سىنىقى قىلدى، بۇ مەزكۇر دۆلەتنىڭ بىر ئاينىڭ ئىچىدىلا ئىككىنچى قېتىم يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشى بولۇپ، بۇ قىلمىش ئامېرىكا ۋە جۇڭگوغا نىسبەتەن بېسىمنى ئاشۇرۇۋەتتى.

3.ئامېرىكىنىڭ پۇل پاخاللىقى نىسبىتى ئامېرىكا فېدراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ %2 لىك پىلانىدىن يەنىمۇ يىراقلاشتى، ئامېرىكا فېدراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ پۇل پاخاللىقى كۆرسەتكۈچى ئىككىنچى پەسىللىك يېمەكلىك ۋە ئېنىرگىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان يادرولۇقPCE باھا كۆرسەتكۈچى %0.9 چۈشۈپ، 2010-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىنى ياراتتى. 

4. ئامېرىكا 2-پەسىللىك ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش تەننەرخى پەسىللىك نىسبىتى %0.5 ئاشقان، بۇ مۆلچەردىكى %0.8 دىن تۆۋەن بولۇپلا قالماي، يەنە 2015-يىل 2-پەسىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئەڭ تۆۋەن سەۋىيە ھېسابلىنىدۇ.

5.ئامېرىكا مىنىئاپولېس فېدراتسىيە زاپاس پۇل كومىتتېىنىڭ رەئىسىNeel Kashkari جۈمە كۈنى (28-ئىيۇل) ئۆزىنىڭ مۈلۈك قەرز جەدۋىلىنىڭ كۆلىمىنى قىسقارتىشنى قوللايدىغانلىقىنى، ئەمما پۇل پاخاللىقى %2 لىك نىشانغا يېتىشتىن بۇرۇن ئۆسۈم قوشۇشنى قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

6. 25-ئىيۇلغىچە بولغانCOMEX ئالتۇن ئۆسۈش مېلىنىڭ قول سانى 46228 قول ئېشىپ، 75048 قولغا يەتتى.

7. ئامېرىكا فېدراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى چارشەنبە كۈندىكى يىغىندا ئۆسۈم قوشمىدى، گەرچە پۇل سىياسىتى باياناتىدا «ئۇزاق ئۆتمەي» مۈلۈك قەرز جەدۋىلىنىڭ كۆلىمىنى قىسقارتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئومۇمىي ۋە يادرولۇق پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى، دوللار كۆرسەتكۈچى يەنە بىر قېتىم 13 ئايدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتىغا چۈشتى.

ئالتۇنغا پايدىسىز بولۇۋاتقان ئاساسىي يۈز ئامىللىرى:      

1.ئامېرىكا 6-ئايلىق پۈتكەن ئۆي كۆرسەتكۈچى %1.5 ئاشقان، 110.2 گە يەتكەن، مۆلچەردىكى ئېشىش نىسبىتى %0.7، 5-ئايدىكى قىممىتى 108.6.

2. ئامېرىكا 2-پەسىللىكGDP دەسلەپكى قىممىتى يىللىقلاشتۇرۇلغان پەسىللىك نىسبىتى %2.6 ئاشقان، مۆلچەردىكى ئېشىش نىسبىتى %2.5، ئالدىنقى قىممىتى تۈزىتىلگەن ئېشىش نىسبىتى %1.2.

3.ئامېرىكا 2-پەسىللىكGDP دەسلەپكى قىممىتى يىللىقلاشتۇرۇلغان پەسىللىك نىسبىتى %2.6 ئاشقان، مۆلچەردىكى ئېشىش نىسبىتى %2.5، تۈزىتىلگەندىن كېيىنكى ئالدىنقى قىممىتى %1.2.


ئىنكاس

Comment

قوللاش
ئورگان ئۈندىدار

ئورگان
ئۈندىدار سالۇنى

شىنجاڭ بايزات سودا ئۇچۇر مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى Copyright ©fxbaybol.com 京ICP备88888888号 Powered by CmsEasy