ئىنسانلار مەڭگۈ ياشاشنى ئەمەلگە ئاشۇردى ؟ (1)
ئاپتۇر:admin   يوللانغان ۋاقىت:2017-08-01 15:38:24   كۆرۈلىشى:

[تاشقى پېرىۋوت ۋال كوچىسى خەۋىرى، بايكۈچ شىركىتىدىن ئارزۇگۈل ئەركىن تەرجىمىسى]

گۇگىلنىڭ كەلگۈسى ئالىمى Ray Kurzweil   يېقىندا ‹سۆلەتۋاز بەگزادە› ژورنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۇزاققا بارمىغان كەلگۈسىدە، تېخنىكا بىزنى تېخىمۇ ئەقىللىق، تېخىمۇ ساغلام قىلىدۇ، قېنىمىزدىكى نانومېتىر ماشىنا ئادەملەر گېنىمىزدىكى خاتالىقلارنى تۈزىتىپ، ئىنسانلارنىڭ 2029- يىلىدىن باشلاپ مەڭگۈ ياشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

بىلگايتىس كەلگۈسىدىكى سۈنئىي ئەقىلنى ئەڭ توغرا مۆلچەرلىيەلەيدىغان ئالىم Ray ·Kurzweil  ، ئۆتۈپ كەتكەن 30 مابەينىدە Ray ·Kurzweil  نىڭ پەرەزلىرى %86 توغرا چىقتى، ھەم پۈتكۈل يەرشارىدا ناھايىتى زور غۇلغۇلا قوزغىدى، دېدى.

قوش پۇتلۇق ATLAS قالتىس ماشىنا ئادەم

1.    تېخنىكا ئىنسانلارنى تېخىمۇ ئەقىللىق قىلدى

Ray Kurzweilمۇنداق دېدى: بىزنىڭ چوڭ مېڭىمىزنىڭ سىغىمى چەكلىك، ھېچ بولمىغاندا كومپىتورنىڭكىدىن 1 مىليون ھەسسە تۆۋەن. چوڭ مېڭىنىڭ تەپەككۈرنى كونتىرول قىلىش ئورنىنى چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتى دەپ ئاتايمىز. 2030- يىلىغا بارغاندا، بىز نانومېتىر ماشىنا ئادەملەرنىڭ قىل قان تومۇرلاردىن ھېچ بىر توسالغۇسىزلا ئۆتۈپ، چوڭ مېڭىمىزگە كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز، ھەم بىزنىڭ مېڭا پوستلاق قەۋىتىمىزنى بۇلۇت بىرلەشمىسى بىلەن باغلايدۇ. ۋاقتى كەلگەندە بىز بۈگۈنكىدىنمۇ تونۇشلۇق، تېخىمۇ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۈستۈنلۈكىگە ئىگە، تەسىر كۈچى كۈچلۈك مۇزىكا بىلەن تېخىمۇ قىزىقارلىق يۇمۇرلارنى ياساپ چىقىمىز. ئۇ ۋاقىتتا بىز تېخىمۇ قىزىقارلىق، تېخىمۇ  كېلىشكەن ھەم چىرايلىق، مۇھەببىتىنى ئىپادىلەشكە تېخىمۇ ئۇستا قىلىدۇ.

2.    تېخنىكا كىشىلەرنى تېخىمۇ ساغلام قىلىدۇ


Ray Kurzweil  مۇنداق دېدى: بىز بۇرۇنقى "ھاياتلىق يۇمشاق دېتالى" نى قايتىدىن ئۆزگەرتىپ ياساۋاتىمىز، يەنى ئادەم بەدىنىدىكى گېن دەپ ئاتىلىدىغان 23000 دانە "بالا  پىروگرامما" . بۇ بالا پىروگراممىلار قايتىدىن پىروگرامما تۈزۈش ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ كېسەللىك ۋە قېرىشتىن يىراقلىشىشىغا ياردەم قىلىدۇ. 2020- يىلىغا بارغاندا، بىز نانومېتىر ماشىنا ئادەم ئارقىلىق ئىممونت سېستىمىسىنى باشقۇرىمىز. 2030- يىلىغا بارغاندا قان سۇيۇقلۇقىدىكى نانومېتىر ماشىنا ئادەم كېسەللىك باكتىرىيىلىرىنى پارچىلاپ، كېرەكسىز ماددىلارنى، قان نوكچىلىرىنى يەنە ئۆسمىلەرنى تازىلاپ، DNA يەنى گېن خاتالىقىنى تۈزىتىدۇ، ھەتتا قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ. 
Ray Kurzweil  ئەزەلدىن "غەلىتە نۇقتا" نىڭ مەۋجۈتلىكىگە، تېخنىكىنىڭ ياردىمىدە، ئىنسانلارنىڭ مەڭگۈ ياشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ. ئۇ 2045- يىلىغا بارغاندا ئىنسانلار مەڭگۈ ياشاشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ دەپ قارايدۇ. چۈنكى ئۇ 2045- يىلى غەيرىي بىئولوگىيىلىك ئىقتىدارنىڭ ئىجاد قىلىش ئىقتىدارى يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ، بۈگۈنكى كۈندىكى بارلىق ئىنسانلار ئەقلىنىڭ 1 مىليارد ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، دەپ پەرەز قىلدى. 
Ray Kurzweil  مۇنداق دېدى: مېنىڭچە 2029- يىلىغا بارغاندا بىز چوقۇم بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا يىتىپ بارىمىز. ئۇ ۋاقىتتا داۋالىنىش تېخنىكىسى ئادەملەرنىڭ ئۆمۈرىنى ھەر بىر يىل ئۆتكەندە بىر ياش ئۇزارتىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ يېشىڭىز تۇغۇلغان ۋاقتىڭىزدىن باشلىنىپ ھېساپلانمايدۇ، بەلكىم بىز ئۇزارتقان يېشىڭىز سىزنىڭ ئەسلىدىكى يېشىڭىزدىنمۇ يۇقىرى بولىشى مۇمكىن. 
3. Ray Kurzweil  نىڭ ئىكى چوڭ نەزىيە ئاساسى


Ray Kurzweil  ئىككى چوڭ ئىلگىرىلەشنىڭ ئۆزىنىڭ كەلگۈسى نۇقتىئىنەزىرىنى قوللايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. بىرىنچىسى، تېخنىكىلىق ئىلگىرىلەش تېزلىكى، نۆۋەتتىكى ئىشلىتىۋاتقان ئاندىرويىت تېلىفوننىڭ شەكلى كۈندىن كۈنگە كىچىكلەۋاتىدۇ، ئىقتىدارىمۇ كۈچىيىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ تېلىفون تېخىمۇ كىچىكلەپ، ئىقتىدارى تېخىمۇ يۇقىرىلايدۇ، ھەم تېخىمۇ ئەرزانلىشىدۇ.

ئىككىنچىسى، ئامېرىكىنىڭ كوننتېكتىكات شىتاتى جوسلىن دىئابىت كېسەللىكلەر مەركىزى نۆۋەتتە بىئولوگىيىلىك تېخنىكا ئارقىلىق ھاۋانات تېنىدىكى ئىنسۇلىن قوبۇل قىلغۇچ تەنچە گېنىنىڭ ماينى قوبۇل قىلىشىغا تاقابىل تۇرىۋاتىدۇ، بۇنداق بولغاندا ھايۋانات قانچىلىك كۆپ يىمەكلىك يىسىمۇ تاتلىق كېسىلى ياكى سەمرىپ كېتىش كېسىلىگە گىرىپتار بولمايدۇ. بىئولوگىيىلىك تېخنىكىنى ئادەملەرگىمۇ ئىشلەتسەك، نەچچە مىڭ يىللىق ئىشلەتمەيدىغان كونا گېندىن ۋاز كېچىپ، ئۆمۈرىمىزنى چوڭ كۆلەمدە ئۇزارتالايمىز. 
ھازىر Ray Kurzweil  نىڭ پەرىزىنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغان ياكى ئاشمايدىغانلىقىنى بىرنەرسە دېگىلى بولمايدۇ، لېكىن ئۇ " غەلىتە نۇقتا" يىتىپ كېلىشتىن بۇرۇن ئۆلۈپ كېتىشنى پەقەتلا خالىمايدۇ. Ray Kurzweil  نىڭ يىمەكلىك ئادىتىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، 2045- يىلىغىچە ياشىشىنى، ئاندىن كېيىن مەڭگۈ قېرىماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمىز. 


ئىنكاس

Comment

قوللاش
ئورگان ئۈندىدار

ئورگان
ئۈندىدار سالۇنى

شىنجاڭ بايزات سودا ئۇچۇر مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى Copyright ©fxbaybol.com 京ICP备88888888号 Powered by CmsEasy