تونۇشتۇرۇش

introduction

بىسىپ چىقىرىش       كىچىك   نورمال   چوڭ

    كۈمۈش سودىسى ئالاھىدىلىكى 

    1. ھەر ھەپتىدە 5 كۈن، ھەر كۈنى 24 سائەت:

    ھازىرقى كۈمۈش سودىسى ھەر ھەپتىدە بەش كۈن، ھەر كۈنى يىگىرمە تۆت سائەت نورمال تىجارەت قىلغىلى بولۇپلا قالماي ئىلگىرىكى T+D قەرەللىك مال، پايچىك سودىسىغا قارىغاندا ۋاقتى ئۇزۇن، مەبلەغ سىلىش پۇرسىتى كۆپ، سودا قىلىش قولايلىق، سودا جەريانىنىڭ سۈرئىتى تىز ۋە ئەپچىل.

    2. سودا كاپالەت سوممىسى:

    كۈمۈش سودىسى قىلىشتا چوقۇم كاپالەت سوممىسى بولىشى كىرەك. ئادەتتە خەلقئارا سودا سۇپىلىرىدا پىشاڭ نىسبىتى 1:150 بولۇپ، سودا قىلغۇچىلار ئاز مەبلەغ سىلىپ كۆپ قىممەت يارىتالايدۇ. پىشاڭ نىسبىتى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ سودىغا ئاز مەبلەغ بىلەن قاتناشقىلى بولىدۇ

    3. قوش يۆنىلىشلىك سودا:

    قەغەز ئالتۇن سودىسى بىلەن توردىكى ئالتۇن سودىسى ئوخشىمايدىغان بولۇپ، توردىكى كۈمۈش سودىسى مەيلى قانچىلىك ئۆسۈپ كەتسۇن ياكى چۈشسۇن ئوخشاشلا سودا پۇرسىتى بار. يەنى چۈشۈشكىمۇ، ئۆسۈشكىمۇ مال ئالالايسىز.

    قىممەت مىتاللارنىڭ كۈمۈش سودىسى تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار :

    1. دوللار:

    دوللار باھاسى كۈمۈش تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى ھىسابلىنىدۇ. چۈنكى دوللار بىلەن كۈمۈش باھاسى تەتۈر تاناسىپ مۇناسىۋەتتە بولۇپ دوللار ئۆسۈپ كەتسە ئالتۇن باھاسى چۈشۈپ كىتىدۇ.

    2. خام نىفىت بازىرى:

    نىفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشى پۇل پاخاللىقىنى تىزلىتىۋىتىدۇ، لىكىن كۈمۈش  ئارقىلىق پۇل پاخاللىشىشنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ.30  يىلدىن بىرى خام نىفىت بىلەن ئالتۇن باھاسى%30 ئەتراپىدا ئوخشاش يۆنىلىشتە بولىۋاتىدۇ.

    3. تەبئىي ئاپەت :

    تەبىئي ئاپەت كۆپ بولۇپ كەتسە دۆلەتلەر ئاپەتتىكى قىيىن ئەھۋالدىن ئۆتۈش ئۈچۈن دۆلەت مالىيەسىدىكى خام ئالتۇنلارنى ئىشقا سالىدۇ، نەتىجىدە خەلىقئارا بازاردىكى ئالتۇن مىقدارى كۆپىيىپ،ئالتۇننىڭ باھاسى چۈشۈپ كىتىدۇ.

    قىممەتلىك مىتاللار (ئالتۇن) غا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىشلار:

    1.دۇنيادىكى چوڭ ئالتۇن چىقىرىدىغان جەنۇبىي ئافرىقا، ئامرىكا، ئاۋىستېرالىيە، جوڭگۇ قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيتى ئالتۇن سودىسىغا ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

    2.ئالتۇنغا ئىھتىياجى ئەڭ چوڭ بولغان دۆلەتلەر ھىندىستان، جوڭگۇ.

    3.تەمىنلەش مۇناسىۋىتى ۋە ئالتۇن باھاسى ھىيىت بايراملارنىڭ تەسىرىگە بەكرەك ئۇچرايدۇ. چۈنكى ھىيىت - بايراملاردا ئىستىمالچىلارنىڭ ئالتۇنغا بولغان ئىھتىياجى ئاشىدۇ. چەتئەللەردە روژىستىۋا بايرىمىدا ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ.

    4.دۇنيا ئۇرىشى ۋە تارىخىي ئۇرۇشلارنىڭ ئالتۇن باھاسىغا كۆرۈنەرلىك تەسىرى تەسىرى بولىدۇ. يەنى ئۇرۇش مەزگىلىدە دۆلەتلەر قۇرال _ياراق سىتىۋىلىش ئۈچۈن خەزىنىدىكى ئالتۇننى سەرپ قىلىدۇ.

    5.ئىقتىسادىي كىرزىسنىڭ ئالتۇن باھاسىغا بولغان تەسىرى ئالاھىدە چوڭ. دوللار ۋە ئامرىكا ئىقتىسادى ئالتۇنغا گەۋدىلىك تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بازاردىكى ئالتۇنلار ئاساسەن دوللارنى بىرلىك قىلغان بولغاچقا ئامرىكا دوللىرى بىلەن ئالتۇن باھاسى بىر - بىرىگە زىچ  مۇناسىۋەتلىك .

    قىممەتلىك مىتاللار (توردىكى ئالتۇن) سودىسىنىڭ ئەۋزەللىكى:

    1.ئالتۇن بازىرىدا قەغەز ئالتۇن  شەكلى ئىشلىتىش ئارقىلىق ماددىي ئالتۇن سودىسىدىكى ساقلانغىلى بولمايدىغان باشقۇرۇش ھەققى، ساقلاش ھەققى، سۇغۇرتا ھەققى، نازارەت قىلىش ھەققى ۋە يۆتكەش ھەققى قاتارلىق چىقىملارنى تىجەپ قالغىلى بولىدۇ. ھەم ئالتۇن باھاسىدىكى ئارتۇق چىقىملارنى تۆۋەنلىتىپ ئالتۇن سودىگەرلىرىنىڭ بازاردىكى رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

    2.قەغەز ئالتۇن سودىسىدا ئالتۇن ئوبوروت سۈرئىتىنى تىزلەتكىلى ۋە ئالتۇن بازىرىدىكى سودا سۈرئىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

    3.قەغەز ئالتۇن بىلەن خەلقئارا ئالتۇن مۇناسىۋىتى زىچ باغلانغان بولۇپ، 24 سائەت ئۈزۈلمەيدىغان سودا شەكلى قوللنىلغان، دۆلىتىمىزدە كەچ بولسا دەل ياۋروپادا كۈندۈز بولىدۇ. بۇ ئالتۇن باھاسىدا تەۋرىنىش ئەڭ چوڭ بولىدىغان ۋاقىت. بۇ ئەھۋال مالىيە باشقۇرۇش ئۈچۈن يىتەرلىك ۋاقىت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

    4.قەغەز ئالتۇن سودىسىدا ئامرىكا دوللىرى ھىساباتى ۋە خەلق پۇلى ھىساباتى ئارقىلىق مالىيە باشقۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى خىل سودا شەكلى تەمىنلەنگەن .

    5.قەغەز ئالتۇن سودىسىدا T+0 ھىسابى ئۇرۇش شەكلى قوللىنىلغان بولۇپ، قەغەز ئالتۇن سىتىۋالغاندا، ھىسابقا پۇل كىرگەن ۋاقىتتاشۇ كۈنلۈك سودىغا قولايلىق ئىلىپ كىلىدۇ. دۆلەت ئىچىدىكى ئاكسىيە بازىرىغا سىلىشتۇرغاندا تىخىمۇ كۆپلىگەن قىسقا لىنىيلىك سودا مەشغۇلات پۇرسىتى كۆپ بولىدۇ.


    قىممەتلىك مىتاللار (ئالتۇن) نىڭ سودا تاكتىكىسى:

    1.سودا سۇپىسىنى ياخشى تاللاش.

    2.سودا ئۇچۇرىغا  قارىتا ھوشيار بولۇپ، توغرا  بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولغان تەھلىل-مۇلاھىزىلەرگە تايانغان ئاساستا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، قارىغۇلارچە سودا  قىلماسلىق.

    3.بازار ئەھۋالىنى ياخشى كۆزىتىپ، پايدا - زىياننى توغرا، ئىنىق بەلگىلەش.

    4.ئالىدىغان مال مىقدارىنى مەبلەغكە قاراپ مۇۋاپىق بىكىتىش. ئاچكۆزلەرچە كۆپ مال ئىلىۋىلىشتىن ساقلىنىش.

    5.زىيان ۋە پايدىنى ئۇزۇن مۇددەت تۇتۇپ تۇرماي، ۋاقتىدا قولدىن چىقىرىپ، ئاز پايدىغا قانائەت قىلىپ، كۆپ پايدىنى كۆزلەپ ئاخىرىدا ھەممىدىن ئايرىلىپ قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەش. يۇقارقى نۇقتىلارغا ئاساسلىنىپ سودا قىلغاندا زىياننى ئازايتىپ، پايدا نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.


    قىممەتلىك مىتاللار (ئالتۇن) نىڭ سودا تارىخى:

    20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى

    ئالتۇننىڭ سودا ۋاستىسى بولۇپ كەلگىنىگە 3000 يىللاردىن ئاشقان بولۇپ، ئالتۇن سودا ساھەسىدە ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇساپىنى بىسىپ ئۆتكەندىن كىيىن، ئۇنىڭ سودا ئالاقىسىدىكى ئورنى مۇئەييەنلەشتۇرۇلگەن.1717 -يىلى ئالتۇن ئەنگىلىيە پۇل-مۇئامىلە سىستىمىسىنىڭ ئاساسىغا ئايلانغان. 19-ئەسىرلىرىنىڭ ئاخىرلىرىدا بولسا ياۋرو ئەللىرى پۇل-مۇئامىلە سىستىمىسىدا ئالتۇن كەڭ كۆلەملىك قوللىنىلىشقا باشلىغان. 1990-يىلى ئامرىكا ئالتۇن بىرلىكىنى يولغا قويغاندىن كىيىن خەلقئارادا ئالتۇن «ئىشىكنى سىرىتقا ئىچىۋىتىش» ھالىتىدە ئىمپورت-ئىكىسپورت قىلىنغان. بىرىنجى قىتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلىغاندىن كىيىن يەنى 1919-يىلى ئەنگىلىيە ئالتۇن  بىرلىك سىستىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ 1926-يىلى يەنە ئەسلىگە كەلتۈردى. 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىغا قەدەم قويغاندا دۇنيا ئىقتىسادىدىكى داۋالغۇش كۆپلىگەن ئەللەرنىڭ ئالتۇن بىرلىك تۈزۈلمىسىنى توختىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. پەقەت مەركىزىي بانكا ۋە ھەر قايسى ئەللەر ھۆكۈمىتى ئارىسىدا ئالتۇن سودىسى ئىلىپ بىرىلىشىغا يول قويۇلغان. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ھەر قايسى ئەللەردىكى پۇل- مۇئامىلە مەركەزلىرىدە دوللار ئارقىلىق ئالتۇنغا ئالماشتۇرۇش سودىسى شەكىللەنگەن. 1934-يىلى خەلقئارادا كىلىشىم ئىمزالىنىپ بۇ تۈزۈم مۇقۇملاشتۇرۇلغان ھەم  1934-يىلدىن 1971-يىلغىچە قوللۇنۇپ كىلىنگەن. 1934-يىلى ئامرىكا زۇڭتۇڭى بىرلەشمە دۆلەتلەر ئىقتىساد مەركىزىدە ئالتۇننىڭ ھەر بىر ئونسىيەسىنى35 دوللارغا  ئۆستۈرگەن بولۇپ

    بىرلەشمە دۆلەتلەر ئىقتىساد مەركىزى ۋە مەركىزىي بانكىلرى مۇشۇ قىممەتقىممىتنى 1968-يىغىچە ساقلاپ كەلگەن.

    1960-يىللىرى

    بازاردا ئالتۇنغا بولغان ئىھتىياجنىڭ ئىشىشىغا ئەگىشىپ ئامرىكا، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئالتۇن ئامبىرى تەسىس قىلىپ ئالتۇننىڭ ھەر بىر ئونسىيەسىنى 35 دوللار ئەتراپىدا ساقلاپ قىلىشنى ئارزۇ قىلغان.ئەمەلىيەتتە بۇ يىڭى ئورگان ئالتۇننىڭ تاشقى پىرىۋوتتىكى مۇقۇم بولغان ئاساسىنى كىڭەيتىپ، ئالتۇننىڭ ئەركىن بازاردىكى قىممىتىنى كونتورول قىلماقچى بولغان.

    1969-يىللىرى

    سىنگاپور نوپوسىغا  تەۋە بولمىغانلار سىنگاپور ئالتۇن بازىرىنى ئاچقاندىن كىيىن ( 1934-يىلى  يولغا قويۇلغان ) ئالتۇن قۇيۇش چەكلىمىسى بىكار قىلىندى.

    1971-يىللىرى

    سوۋىت ئىتتىپاقى( 1966-يىلى ىوندونغا ئالتۇن سىتىپ بىرىشنى توختاتقان ) يەنە قايتا ئالتۇن سىتىپ بىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. ئامرىكا بولسا ۋاقتىنچە دوللارغا سىرىق ئالتۇننى ئالماشتۇرۇشنى ئىلان قىلدى.

    1973-يىللىرى

    ياپونىيە سىرىق ئالتۇن ئىمپورت قىلىش بازىرىنى ئاچتى.دوللارنىڭ باھاسى چۈشۈپ، ئالتۇننىڭ ھەر ئونسىيەسى 42.222 دوللار بولدى.

    1974-يىللىرى

    ياۋروپادىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەر كىلىشىم ئىمزالاپ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەركىزىي بانكىلىرىدا ( بازار باھاسىدا ) ئالتۇن ئىلىپ سىتىشنى يولغا قويدى.

    1975-يىللىرى

    ئامرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى 2مىليون 500 مىڭ ئونسىيە ئالتۇننى كىم ئارتۇق قىلىپ ساتتى .بانكىلار بىردەك كىلىشىم ئىمزالاپ، خەلقئارا پۇل-فوندى تەشكىلاتىدا ئالتۇن زاپىسىنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىنى كىم ئارتۇق قىلىپ ساتتى ۋە ئىرىشكەن كىرىمنى نامرات دۆلەتلەرگە ياردەم قىلدى.

    1976-يىللىرى

    خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ھەر ئايدا  ئالتۇننى كىم ئارتۇق قىلىپ سىتىپ 4 يىل ئىچىدە 2مىليون 500 مىڭ ئونسىيە ئالتۇننى ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەرگە قايتۇرۇپ بىرىشنى قارار قىلدى

    1980-يىللىرى    .

    1980-يىلى ئالتۇن باھاسى تارىختىن بۇيان ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقتى، ھەر ئۇنسىيە ( 1 ئۇنسىيە = 31.1035 ) ئالتۇننىڭ باھاسى 850 ئامىرىكا دوللىرىغا ئۆسكەن بولۇپ، 1985- يىلغىچە ھەر ئۇنسىيە ئالتۇننىڭ باھاسى 284 ئامىرىكا دوللىرىغا چۇشكەن. 80- يىلى ئالتۇن سودىسى كەڭ كۆلەملىك تۆۋەنلىگەن، بىراق نەق ئالتۇن سىتىۋىلىش مىقدارى ئۆسكەن، بولۇپمۇ ئاسىيا بازىرى كۆرنەرلىك بولغان. ئېلگىرى پۇتۇن دۇنيا ئالتۇن بازىرىنىڭ داۋاملىق بازار ھالىتىنى ساقلىشىغا دىققەت قىلغان.  ھەر قايسى دۆلەت مەركىزىي بانكىلىرىنىڭ 80-90 يىلغىچە ئالتۇن سودىسى تىزلەشتى. خەلقارا پۇل-مۇئامىلە فوندىنىڭ  ئالتۇن زاپاس مىقدارى 1995-يىلى 2- ئايدا 9051 تۆمەن ئۇنسىيەگە يەتكەن.

    1990-يىللىرى

    1994-يىلدىن 1996-يىلغىچە ئالتۇن باھاسىىدا كۆرنەرلىك ئۆزگەرىش بولمىغان. 1996-يىلدىن 1999-يىلغىچە ھەر ئۇنسىيە ئالتۇننىڭ باھاسى 250 ئامىرىكا دوللىرىغا چۇشكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقى تۆۋەن بولغانلىقدىن ئالتۇنغا بولغان ئېھتىياج تۆۋەنلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە 1995-يىلى ئاۋىستىرالىيە قىتئەسى، شىمالىي ئامرىكا قاتارلىق رايونلاردا مەبلەغ سىلىش يۆلىنىشى ئۆزگەرگەن، بۇ 1996-يىلىدىكى مەبلەغ سىلىش مىقدارىنى تۆۋەنلەتكەن.


    21-ئەسىر ( 2000-يىلدىن بۈگۈنگىچە)

    2011- يىلى 9- ئاينىڭ 6- كۈنى ھەر ئۇنسىيە ئالتۇننىڭ باھاسى 1920 ئامىرىكا دوللىرىغا ئۆسكەن.بۇ ئالتۇننىڭ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى باھاسى بولۇپ قالدى.


    قىممەتلىك مىتاللارنىڭ سودا قىلىش ئۇسۇلى

    يۆلىنىش بويىچە تەھلىل قىلىش

    ئالتۇن باھاسى مەلۇم يۆلنىشكە قاراپ بىر مەھەل سودا بولغاندىن كىيىن يەنە ئوخشاش يۆلنىشتە سودا قىلماسلىق كىرەك. بىراق شۇ دائىرە ئىچىدە تەۋىرنىش بولىدۇ، پۇرسىتى كەلگەندە داۋاملىق شۇ يۆلنىشدە سودا قىلىش، يۆلىنىشنى ئۆزگەرتمىگەن ئاساستا سودا قىلىش ئۇسۇلىنى يۆلنىش بويىچە تەھلىل قىلىش.

    ئەكىس يۆلنىش بويىچە تەھلىل قىلىش

    ئەكىس يۆلنىش بويىچە تەھلىل قىلىش، ئاشۇ يۆلىنىشتە موھىم ئۆزگىرىش بولىدۇ، بازار يۆلنىشى ئۆزگىرەيدۇ، ئەسلىدىكى ئۆسۇش يۆلىنىشىنىڭ ئۆزگۈرۈپ چۈشۈش بولدۇ، ياكى ئەسلىدىكى چۈشۈش يۆلنىشى ئۆزگۈرۈپ ئۆسۈش بولدۇ.

    خەلقارا بازاردا قىممەتلىك مىتاللارنىڭ باھاسىدا توختىماستىن ئۆزگۈرۈش بولغانلىقى ئۈچۈن خەلقارا بازاردا تەڭپۇڭسىزلىق بولۇپ ئەكىس يۆلنىش بويىچە تەھلىل قىلىشقا توغرا كىلىدۇ.

    يۆلىنىش بويىچە تەھلىل قىلىش بىلەن  ئەكىس يۆلنىش بويىچە تەھلىل قىلىشنىڭ مۇناسىۋىتى، يۆلىنىش بويىچە تەھلىل قىلىشنىڭ سودا قىلىش ۋاختى قىسقا، بازارنىڭ ئاساسلىق يۆلنىشىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ئەكىس يۆلنىش بويىچە تەھلىل قىلىشنىڭ سودا قىلىش ۋاختى ئۇزۇن شۇنداقلا بازارنىڭ ئاساسلىق يۆلنىشىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ.


    قىممەتلىك مىتاللار سودىسىنىڭ خەتەرنى كونتىرول قىلىش

    توغرا تەھلىللەش، زىيان ۋە پايدا نىسبىتىنى مۆلچەرلەش

    پايدا-زىيان نىسبىتى بولسا پايدا ۋە زىياننىڭ كەلگۈسدىكى نىسبىتىنى تەھلىل قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. مەسلەن: مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە پايدا بوشلۇقىنى 400 دوللار دىسەك، زىيان بوشلۇقىنى 100دوللار بولسا، ئۇنداقتا پايدا-زىياننىڭ نىسبىتى 4:1 بولدۇ.

    پايدا نىسبىتى بولسا ئالتۇن بازارغا كىرگەندىن كىيىن مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە ئىرشىش ئېھتىمالى بولغان پايدىنى كۆرسىتىدۇ.

    مۇۋاپىق كاپىتال( مەبلەغ، پۇل) بىلەن بازارغا كىرىش

    پايدا-زىيان نىسبىتى ئىنىق بولغان ئەھۋالدا، پايدا نىسبىتى يۇقىرى بولسا سالدىغان مەبلەغ كۆپ بولدۇ. تەتقىقاتچىلار ئۇزۇن مەزگىل تەھلىل قىلىپ پايدا نىسبىتىنىڭ %63، %60، %57 بولىدىغانلىىقىنى بايقىغان، ئۇلار 100 قىتىم تەقلىدىي سودا ئېلىپ بارغان، نەتىجىدە ئۇزۇن مەزگىللىك پايدا نىسبىتى 63%بولغان، پايدىسى ۋە بازارغا كىرىش قىتىم سانى ئاشقان، بازارغا كىرىش نىسبىتى %30 بولغاندا پايدىسى ئاز بولغان، بازارغا كىرىش نىسبىتى %40 بولغاندا پايدىسى كۆپ بولغان، بۇ ۋاقىتتىكى كىچىك زىيانلار ئومومىي كىرىمگە تەسىر كۆرسەتكەن، بۇ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىقىتىنى ئۆزگە تارتىدۇ.

    ئۈچنى بىرلەشتۈرۈپ پايدا ئېلىش تاكتىكىسى

    1. يۇقىرى پايدا پۇرسىتىنى تۇتۇش

    كۆپ قىسىم مەبلەغ ساغۇچىلار كەينى-كەينىدىن زىيان تارتقان، چۇنكى ئۇلار ئالدىراپلا مۇۋاپىق بولمىغان پۇرسەتتە بازارغا كىرگەن. يەنى ئەڭ يۇقىرى پايدا پۇرسىتىنى توغرا تۇتالمىغان. پايدا نىسبىتى 90% بولغان ئەھۋالدىمۇ يەنە 10% لىك زىيان نىسبىتىگە كىرىپ قالغانلار يەنىلا زىيان تارتىدۇ، بۇ ۋاقىتتا زىيان تىخىمۇ كۆپ بولدۇ، چۇنكى مەبلەغ سالغۇچىلار يۇقىرى پايدا نىسبىتى دەپ ئويلاپ خاتا يۆلنىشكە كىرىپ قالىدۇ.

    2.زىياننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پۇرسىتى

    قىسقا ئارلىقتا سودا قىلىشتا، پايدا-زىيان نىسبىتى 2:1 بولغاندا بازارغا كىرىشكە بولدۇ، ئۇزۇن ئارلىقتا سودا قىلىشتا، پايدا-زىيان نىسبىتى 4:1 بولغاندا بازارغا كىرىشكە بولدۇ.

    كىچىك زىيانلارنى تولۇقلاپ مىڭىشقا دىققەت قىلىش مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان سودا تەجىربىسى، شۇنداقلا دۇنياۋىي سودىگەرلەرنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىش يولى. سودىگەرلەر يۇقىرى پايدا نىسبىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ، بىراق ئۇلارنىڭ سودىدىكى مۇۋاپىقىيەت نىسبىتى %50 دىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ پايدا-زىيان نىسبىتىنىگە قاراپ بازاغا كىرەلمەسلىكىدىن بولىدۇ.

    شۇڭا قىسقا ئارلىقتا سودا قىلغۇچىلار ئۆزىنىڭ سودا قىلىش ئېخىتىدارىنى ئۆستۇرۈشى كىرەك، ئۇزۇن ئارلىقتا سودا قىلغۇچىلار بولسا زىياننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە سودا قىلىش ئىخىتىدارىنى ئۆستۇرۈشى كىرەك.

    3.مۇۋاپىق مەبلەغ سىلىش

    ئەڭ ئېشەنچىلىك سودا ئورنىدا مەبلەغ سالغۇچىلار سالغان مەبلەغىنىڭ %10-%50 گىچە سودا قىلدۇ، سودا قىلىش جەريانىدا زىيان تارىتسا، يەنە ئەسلىگە كەلتۇرۇش پۇرسىتى بولىدۇ.

    ئەۋزەللىكى ۋە ئالاھىدىلىكى

    قىممەتلىك مىتاللارنىڭ پۇل ئالاھىدىلىكى ۋە مەھسۇلات ئالاھىدىلىكى بولىدۇ، بىراق بانكا شۇغۇللىنىدىغان قىممەتلىك مىتاللار تەبىئىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ سودىگەرلەر ئۇچۇن قىممەتلىك مىتاللارنىڭ مەھسۇلات تۈرىنى ۋە مۇلازىمىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

    بانكا مەبلەغ سالغان قىممەتلىك مىتاللارنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇ ئەتىراپتىكى سودىگەرلەردىن يىغىۋالغان ساپ ئالتۇن بولۇپ، شۇ دۆلەتنىڭ ۋەزىيتىگە تەسىر كۆرسۈتۈپلا قالماستىن يەنە بانكىنىڭ كاپىتالى ۋە ھىساۋاتىدىكى ئۈستۈنلىكنى ئىگەللەيدۇ، ئالتۇن ئارقىلىق مەبلەغنى ئوبوروت ھالقىسى قىلغان.

    دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

    مۇتەخەسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، قىممەتلىك مىتال بازار ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشى چوڭ بولۇپ، ئۆسۈش ۋە چۈشۈشكە چەكلىمە يوق. ئەمما بارىلىق مەبلەغكە ئوخشاش ھەرقانداق بىر مەبلەغنىڭ خەتىرى بار. قىممەتلىك مىتاللارنىڭ خەتىرنى كونتىرول قىلىشنى ھەربىر قول مالنىڭ پايدا-زىياننى تەڭشەشكە قويۇش كىرەك. مۇقۇم مەبلەغ سىلىش ئۇسۇلى، ياخشى مەبلەغ سىلىش كەيپىياتى بولسا قىممەتلىك مىتاللارغا مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە يۇقىرى پايدىغا ئىرىشكۈچىلەر ھازىرلاشقا تىگىشلىك شەرت.


ئالدىنقى ماقالە​ئالتۇن سودىسى
كېيىنكى ماقالەيوق

ئىنكاس

Comment

قوللاش
ئورگان ئۈندىدار

ئورگان
ئۈندىدار سالۇنى

شىنجاڭ بايزات سودا ئۇچۇر مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى Copyright ©fxbaybol.com 京ICP备88888888号 Powered by CmsEasy