تونۇشتۇرۇش

introduction

بىسىپ چىقىرىش       كىچىك   نورمال   چوڭ

    تاشقى پروۋوت سودىسى

    تاشقى پېرىۋوت سودا بازىرى ، يەنى “ Foreign exchange ” ياكى “ fx ” بازىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ بولسا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پۇل مۇئامىلە بازىرى.

    ھەركۈنى مەبلەغ كاپىتالىنىڭ دەۋرىيلىك ئوبروت ئايلىنىشى  ئوتتۇرچە ھىساب بىلەن 1 تىرلىيۇن  500 مىلياردتىن ئاشىدىغان بولۇپ، بۇ ئامرىكىدىكى بارلىق ئاكسىيە بازىرىنىڭ 30 نەچچە ھەسسىگە باراۋەر كىلىدۇ. تاشقى پېرىۋوت سودىسى ھەر كۈنى ئاۋىستىرالىيەنىڭ سېدنىدىن باشلىنىپ، يەر شارىنىڭ ئايلىنشىغا ئەگىشىپ يۆتكىلىدۇ. پۈتۈن دۇنيادا ھەر بىر پۇل مۇئامىلە مەركىزىنىڭ تىجارەت قىلىش كۈنى تەرتىپ بويىچە باشلىنىپ، ئالدى بىلەن توكيو، ئاندىن لوندون، نىيۇيورك ۋە باشقا بازارلارنىڭ پۇل مۇئامىلە بازىرى بىلەن ئوخشاش، تاشقى پېرىۋوت سودىسىدا مەيلى كۈندۈز ياكى كەچتىكى بازار ئۆزگىرىشى ، جەمئيەت ۋە سىياسىي ئىشلار قاتارلىقلارغا، تاشقى پېرىۋوت سودىسنىڭ تەۋرىنىشى تەسىر كۆرسىتىدۇ.

    مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈچۈن ئىلىپ ئېيىتقاندا، تاشقى پېرىۋوت سودىسىمۇ پۇل تىپىشنىڭ ئەڭ ياخشى سودا پۇرسىتى. ئۇلار ئاساسلىق قىلىدىغان تاشقى پېرىۋوتلار: ئامرىكا دوللىرى، ياپۇنىيە پۇلى، فونىستېرلىڭ، شىۋىتسىرالىيە فىرانىكى، كانادا پۇلى، ئاۋېتسىرالىيە دوللىرى، ياۋرۇ قاتارلىقلار.

    تاشقى پېرىۋوت سودىسى بولسا بانكىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سودا بازىرى. چۈنكى تاشقى پېرىۋوت سودىسى قوش يۆنلىشلىك سودا بولۇپ، پايچىك ۋە قەرەللىك مالغا ئوخشىمايدۇ.


    تاشقى پېرېۋوت ئۇقۇمى

    1.ئاساسى تەھلىل ئۇقۇمى

    ئاساسىي تەھلىل بولسا، ماكرو ئاساسى ئامىلنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، يۇز  بەرگەن ئۆزگۈرۈشنى، پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ ئۆسۇشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان تەسىرلەرنى تەتىقىق قىلدۇ.پۇل تەمنلەش-تەلەپ مۇناسىۋت خۇلاسىسى بولسا، پېرېۋوت نىسبەت يۈزلىنىش تەھلىل ئۇسۇلىغا ھۆكۈم قىلىدۇ. تەتقىق قىلىش ئوبېكتى ئىقتىساد،  سىياسى، ھەربىى ئىشلار، ئىنسانلار مەدەنىيتى، جۇغراپىيە، تۇيۇقسىز يۇز بەرگەن ۋەقە قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بەزى كىتابلاردا تىلغا ئېلىنغان ئاساسى تەھلىل ئۇقۇمى پەقەت ئىقتىسادىي ئامىل تەھلىلنىلا ئەكىس ئەتتۇرىگەن بولۇپ، بۇ بىر تەرەپلىمە قاراشتۇر.

    2  .پېرېۋوت نىسبىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسلىق ئامىللار

    (1) سىياسىي ۋەزىيەت : خەلقئارا ،دۆلەت ئىچى سىياسىي ۋەزىيەت ئۆزگىرشى، پېرىۋوتقا نىسبەتەن تەسىرى ناھايتى چوڭ بولىدۇ. ۋەزىيەت مۇقۇملىقى، پېرىۋوت نىسبىتى مۇقۇملىقىنى ئۈلگە قىلىپ، سياسىي داۋالغۇش، پېرېۋوت نىسبىتىنى چۈشۈرۋېتىدۇ. ئىتىبار بىرىشكە تىگىشلىك تەرەپلەر: خەلقئارا مۇناسىۋەت ،پارتىيە -گوروھ كۈرىشى، ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەھۋالى،قالايمىقانچىلق ،توپىلاڭ قاتارلقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    (2) ئىقتىسادى ۋەزىيەت : بىر دۆلەت ئىقتىسادنىڭ كۈچلۈك ۋە ئاجىز بۇلۇشى، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئۇنۋېرسال تەسىر ئېففېكىتنىڭ ياخشى-يامان بولىشى،شۇ دۆلەتنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ ئاساسلىق ۋە بىۋاستە ئامىلدۇر. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىم ئويلىنىشقا تېگىشلىك تەرەپلەر: ئىقتىسادنىڭ ئۆسۈشى ،دۆلەت كىرىم  ئەھۋالى، پۇل پاخاللىقى ،ئۆسۈم نىسبەت سەۋىيەسى قاتارلىقلار.

    (3) ھەربىي ھالەت: ئۇرۇش، قىسمەن توقۇنۇش، توپىلاڭ قاتارلىق ۋەقەلەر شۇ رايۇن ۋە دۆلەتنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنى،ئۇنۋېىرسال دۆلەت ئەھۋالىنى  ئاجىزلاشتۇرۋېتىدۇ، ھەمدە پۇلنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىگە نىسبەتەن سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.ئەكىسچە شۇ رايۇن ۋە شۇ دۆلەتتە يۇقارقىدەك ئەھۋاللار يۈز بەرمىسە، شۇ دۆلەتنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

    (4) ھۆكۈمەت ۋە مەركىزى بانكا سىياسىتى: ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە ،تاشقى پېرېۋوت ۋە مەركىزى بانكا پۇل سىياسىتى پېرېۋوت نىسبىتىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ،يەنە بەزىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. مەسلەن: ھۆكۇمەتنىڭ شۇ دۆلەت پۇل قىممىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كىتىشى ياكى ئۆسۈپ كىتىشى ، مەركىزى بانكىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئۆرلەپ كىتىشى.

    (5) بازار پىسخىكىسى: تاشقى پېرېۋوت بازىرى ئشىتىراكچىلىرنىڭ پىسخىكا مۆلچەرى، پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ يۆنلىشىگە ئىغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ. بازار مەلۇم بىر خىل پۇلنىڭ ئۆسۈشىگە ياكى تۆۋەنلەپ كىتىشىگە نىسبەتەن ھامان بازار  يۆنلىشنى بەلگىلەيدۇ. ئورتاق تونۇشقا ئىگە بولغان مەلۇم بىر ۋاقىت ئىچىدە پېرېۋوت نىسبىتىدە ئۆزگىرش بولسا، بۇ ۋاقىتتا ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئۆرلەپ ياكى تۆۋەنلىشىدە مەركىزى بانكىنىڭ ئارلىششى ئۈنۈمسىز بولىدىغان ئەھۋال يۈز بىرىشى مۇمكىن.

    (6) كاپتال سودىسى: پۇل-مۇئامىلىنىڭ يەر شارلىشىش دەىجىسىنىڭ تېزلىشىگە ئەگشىپ، تاشقى پېرېۋوت بازىردا خەلقئارالىق ئاقما مەبلەغ بارغانسىرى زورايماقتا. بۇ مەبلەغلەر بەزى ۋاقتىتا مەلۇم مەبلەغ سالغۇچى ئاپراتلار كونتىرول قىلىشنى ئىگەللىگەنلىكتىن، سودا-سىتىق سوممىسنىڭ چوڭ بولۇپ كەتكەنلىكىدىن، ھەم قوش يۆنلىشلىك سودىنى قوللانغانلىقتىن بەزىدە پېرېۋوت نىسبىتىگە چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلىماقتا.

    (7) ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن ۋەقەلەر: بىر قىسىم يۈز بەرگەن ئىغىر ۋەقەلەر، بازار پىسخىكىسنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن پېرېۋوت نىسبىتىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ ياكى نەتىجىنىڭ دەرىجىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەم پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئۆزگىرىشىگە تەسىر پەيدا قىلىدۇ.

    ھەر قايسىى دۆلەتلەرنىڭ تاشقى پېرېۋوتى

    ئامىرىكا دوللىرى (USD)

    گىرمانىيە ماركى (DEM)

    ياۋرۇ (EUR )

    ياپۇنىيە يىنى (JPY)

    فونىستىرلىڭ (GBP)

    شىۋستىرالىيە فىرانىكى (CHF)

    فىرانسىيە فىرانىكى (FRF)

    ئىتالىيە لىراسى (ITL)

    شاڭگاڭ پۇلى (HKD)

    كانادا دوللىرى (CAD)

    ئاۋستىرالىيە دوللىرى (AUD)

    نىيۇۋيورك (NZD)

    سىنگاپۇر پۇلى (SIN)

    ئاۋمېن پۇلى (MOP)


    ۋاقىت تاللاش

    كۆپ قىسىم پايدا ئالغۇچىلار ۋاقىتنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ،بولۇپمۇ توردا تاشقى پېرېۋوت سودىسى بىلەن شۇغۇللىندىغانلار بۇ نۇقتىنى تىخىمۇ ياخشى تونۇپ يىتىدۇ،چۈنكى پايدا ئالغۇچىلار قايسى ۋاقىتتا سودىغا كىرىش قايسى تۈرگە مەبلەغ سىلىشتىنمۇ مۇھىم دەپ قارايدۇ، ھەر قانداق سودىدا پايدا ئالغىلى بولىدۇ، بىراق دەل ۋاقتىدا سودا قىلالمىغانلار پايدا ئالالمايدۇ، بۇ ئاللىبۇرۇن تاشقى پېرېۋوت سودىگەرلىرىنىڭ بىلىشكە تىگىشلىك ئورتاق بىلىمىگە ئايلانغان.پايدا ئالىدىغان بازار باشتىن ئاخىرى .مەۋجۇت بولۇپ تۇرمايدۇ، ۋاقىت دىمەك پۇرسەت دىمەكتۇر، ۋاقىتنى چىڭ تۇتالمىغانلار پۇرسەتنى تۇتالمىغان ھىسابلىنىدۇ. كونىلاردا ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت دىگەن گەپ بار،شۇڭلاشقا مەيلى قايسى ساھەدە سودا قىلمايلى ۋاقىت ئەڭ مۇھىم ھەل قىلغۇچ رولنى ئوينايدۇ.


    سودا مەيدانى

    ھازىر دۆلىتىمىز قەرەرلىك سودا قىلىش ھوقوقىنى تېخى يولغا قويمىدى، ھەم ئەمىلى قەرەرلىك سودا مەيدانىمۇ يوق. لىكىن پۇخرالار توۋەندىكى ئىككى  يول   ئارقىلىق قەرەرلىك سودىغا مەبلەغ سالالايدۇ .

    1.بانكا يولى ئارقلىق : بانكىدىن قەرەرلىك ھوقوق  سودىسى قىلالايدۇ. مەسىلەن: قاتناش بانكىسى ،خەلىق بانكىسى قاتارلىق بانكىلاردا قەرەرلىك ھوقوق سودىسى قىلالايدۇ.

    چەت ئەل سودا سۇپىسى ئارقىلىق :   دۆلەت سىرتىدىكى بىر قىسىم قەرەرلىك ھوقوق سودىسىنى قىلىدىغان سۇپا ئارقلىق سودا قىلسا بولىدۇ،  ئامرىكىنىڭ FEX سودا سۇپىسى ،ئاۋىستىرالىيەنىڭ TRADER711  قاتارلىق سۇپىسى ئارقىلىق سودا قىلسا بولىدۇ.  


    سودا خەتىرى

    تاشقى پىرىۋوت سودىسىنىڭ خەتىرى،كارخانا ۋە شەخىسلەرنىڭ ھىسابنى بوغۇش  چەتئەلدىن ئېىلىنغان قەرىزنىڭ قەرىزدارلىق مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىگەن ۋاقىتتا پىرىۋوت نىسبىتى ئۆزگىرىپ ئېقتىسادى زىيان تارتىش مومكىنچىلىكى بار. دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى پېرېۋوت بازىرى دۇنيا بازار سىستىمىسىنىڭ موھىم بىر ھالقىسى. لىكىن بىر قىسىم جۇڭگۇلۇق كارخانىچىلار ۋە پۇخرالار ئۈچۈن ئېلىپ ئيىتقاندا ئغىزغا ئالغىدەك چوڭ مەسىلە ئەمەس. 2005-يىلى 7-ئايدا ئىسلاھ قىلغاندىن كىيىن،خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ ئۆسۈش ۋە چۈشۈش تەۋرىنىشى بارغانسىرى كۈچىيىپ كەتتى،تاشقى پېرېۋوت خەتىرى پۇل قىممىتىنىڭ تەۋرىنىشچان بولىشىغا ئەگىشىپ،كىشىلەرنىڭ دىققەت قىلمىسا بولمايدىغان چوڭ مەسىلىگە ئايلاندى .      

    تاشقى پىرۋوت خەتىرى ئادەتتە سودا خەتىرى، سۇندۇرۇپ ھىسابلاش خەتىرى، ئىقتىساد خەتىرى ۋە دۆلەت خەتىرى قاتارلىق بىرنەچچە تۈرگە بۆلىنىدۇ. سوداخەتىرىگە چىتىشلىق بولغان مۇلازىمەت دائىرىسى ناھايىتى كەڭرى، ئقتىساد ئاساسەن خەۋپ- خەتەرگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. شۇڭا بۇخەتەردىن مۇداپىيە كۆرۇش كىرەك.

    تاشقى پېرېۋوت سودا خەتىرىنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى : سودا خەتىرى،تۇگمىگەن ھەقدارلىق ۋە قەرىزدارلىقنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى ئۆزگەرگەندىن كىيىن،تاشقى پېرېۋوت ھىساب-كىتاب قىلغان ۋاقىتتا كىلىپ چىققان خەتەر. بۇ ھەقدارلىق قەرىزدارلىق مەجبۇرىيىتى پېرېۋوت نىسبىتى ئوزگىرىشتىن بۇرۇن پەيدابولىدۇ،لېكىن پېرېۋوت نىسبىتى ئۆزگىرىپ بولغاندىن كىيىن ھىسابلىنىدۇ. پېرېۋوت نىسبەت تۈزىم سىستىمىسى،تاشقى پىرۋوت سودا خەتىرى پەيدا بولىشنىڭ سەۋەبى.مۇقىم پېرېۋوت سىستىمىسى خەتەرنى توسىدۇ،ئەمما تۇراقسىز پېرېۋوت نىسبەت توزۈلمىسىگە كەلگۈسى پۇل بىرلىكى.                      

    سودا خەتىرىنىڭ ئچكى قىسمىنى باشقۇرۇش ئۇسۇلى

    1.ھسابات نۇمۇرىنىڭ باشقۇرۇشىنى كۇچەيتىپ،ئاكتىپ ھالدا مەبلەغنى تەڭشەشكە مەسئۇل بولىشىدۇر.چەت ئەل پۇللىرى تاشقى پىرۋۇت نىسپىتىنىڭ تەۋرىنىشىگە ئاسانلا تەسىر كۆرسىتىدۇ،مەبلەغنى تەڭشەش ھىساۋاتنىڭ قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرىشى ياكى ئالماشتۇشى پۇلنىڭ ئۆزقىممىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتىرىدۇ.

    2.پۇل باھاسىنىڭ پايدىلىق بولغىنىنى تاللاش،تاشقى پېرېۋوت خەتىرىنىڭ چوڭ كىچىك بولىشى بىلەن چەت ئەل پۇلى ئنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك.سودىدا يىغىۋالغان پۇللارنىڭ تۇرلىرى ئوخشاش بولمىغاچقا تاشقى پىرىۋوتنىڭ خەتىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ،پىرىنسىپتا تەڭگە پۇل پىرىۋوتنى قوبۇللاشتا ئېشلىتىلىدۇ.قەغەز پۇل بولسا پېرېۋوت چىقىمىدا ئېشلىتىلىدۇ.

    3.توختامدا پۇل قىممىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ماددىسىنى بىكىتىش.پۇل قىمىمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ماددىسىنىڭ تۇرلىرى كۆپ بولۇپ،پۇل قىممىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۇسۇلى ئاساسلىقى ئالتۇن،تەڭگە پۇل،قەغەز پۇل قاتارلىقلار.توختامدا ئاساسلىقى تەڭگە پۇل قىممىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى قوللىنىدۇ.

    4.ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا،چاققانلىق بىلەن پىرۋوت قوبۇللاش ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇش كىرەك،خەلقئارا پېرېۋوت بازىرىنىڭ ئۆزگىرىشى ئاستىدا،ئالدىن ياكى كىچىكىپ قوبۇللاش ۋە تاپشۇرۇش ئقتىسادنىڭ ئاساسى گەۋدىسىدىن ئىلىپ ئېيتقاندا ئوخشاش بولمىغان پايدا ئېلىپ كىلىدۇ،شۇسەۋەبدىن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشقا ماھىر بولۇش،ئەمىلىي ئەھۋالغا ئاساسەن پىرۋوت قوبۇللاش ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇش كىرەك.


    تاشقى پىرۋوتنىڭ يۇزلىنىشى

    تاشقى پىرۋوت بازىرى 24 سائەت داۋاملىشىدۇ،توختىماستىن ئۆسۈپ چۈشۈپ تۇرىدۇ.بۇ يۇزلىنىش يەرشارىنىڭ كىچە-كۈندۇز ئالمىشىشىغا ئوخشاش دەۋرى ئايلىنىپ تۇرىدۇ..بۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى تاشقى پىرىۋوت باھاسىنى ئپادىلەپ بىرىدىغان رەسىمنى  k سىزىقى ئارقىلىق ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ.  


قوشۇمچە:

ئالدىنقى ماقالەمەھسۇلات
كېيىنكى ماقالەيوق

ئىنكاس

Comment

قوللاش
ئورگان ئۈندىدار

ئورگان
ئۈندىدار سالۇنى

شىنجاڭ بايزات سودا ئۇچۇر مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى Copyright ©fxbaybol.com 京ICP备88888888号 Powered by CmsEasy