ئامېرىكا مال سېتىۋېلىش مەركەزلىرىنىڭ بوش قېلىش نىسبىتى %10كە
ئاپتۇر:admin   يوللانغان ۋاقىت:2017-04-05 12:56:51   كۆرۈلىشى:

سىنا تورى 4-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

رېيتر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۆي-مۈلۈك كەسپى تەتقىقاتى شىركىتى Reis شىركىتى 3-ئاپرېل ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى پەسىللىك مەھەللىۋى ۋە رايونلۇق مال سېتىۋېلىش مەركەزلىرىنىڭ بوش قېلىش نىسبىتى %9.9كە يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى 4-پەسىل بىلەن تەڭلەشكەن، يېڭىدىن سېلىنغان سودا ساراي كۆلىمى 74 مىڭ كىۋادىرات مېتىر بولۇپ، ئالتە يىلدىن بۇيان ئەڭ تۆۋەن بولغان.

Reisنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىقتىسادشۇناسى دېنخام (Denham) بىلدۈرۈپ: «بىز بۇنىڭغا ئېھتىياتچان پوزىتسىيەدە بولىمىز، پارچە سېتىش كەسپىنىڭ مەسىلىسىنى زىيادە كۆپتۈرۈۋېتىشنى ئۈمىد قىلمايمىز» دېدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تور سودىسى تېز سۈرئەتتە گۈللەنگەنلىكى ۋە دۇكانلارنىڭ تاقىلىشى سەۋەبلىك، پارچە سېتىش ۋە ئۆي-مۈلۈك كەسپىگە بولغان مۆلچەر تۆۋەنلىتىلگەن، ئەمما دۇكانلارنىڭ تاقىلىشىنىڭ تولۇق تەسىرى تېخى كۆرۈنەرلىك ئەمەسكەن. 


ئىنكاس

Comment

قوللاش
ئورگان ئۈندىدار

ئورگان
ئۈندىدار سالۇنى

شىنجاڭ بايزات سودا ئۇچۇر مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى Copyright ©fxbaybol.com 京ICP备88888888号 Powered by CmsEasy