ئامېرىكىنىڭ 8 ئىشتاتى 2016-يىلى جۇڭگوغا قارىتا سودا ئاكتىپ ب
ئاپتۇر:admin   يوللانغان ۋاقىت:2017-04-05 12:54:18   كۆرۈلىشى:

سىنا تورى 4-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقى خەۋەر قىلىشىچە، دونالد تىرامپ ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا بولغان 347 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق سودا پاسسىپ بالانىسى ھەققىدە ئىزچىل ئاغرىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا تىرامپ فلورىدا ئىشتاتىدىكى مارئالاگو قورۇقىدا كاتتىق زىياپەت ئۆتكۈزۈپ رەئىس شى جىنپىڭنى كۈتۈۋالغان چاغدا، مەزكۇر تېما مەركىزىي تېما بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

بلۇمبېرگ كەسپ تەتقىقاتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسى مايكول ماكدونوخ (Michael McDonough) ۋە توم ئورلىك (Tom Orlik)نىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە كالفورنىيە، تېكساس، ئىللىنويىز ئىشتاتى، تېننېسى ۋە نيۇيورك قاتارلىق بەش ئىشتات 220 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق سودا پاسسىپ بالانىسى ئومۇمىي سوممىسى پەيدا قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يەنە 8 ئىشتات جۇڭگوغا قارىتا زور سوممىدا سودا ئاكتىپ بالانىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.

لويىزاننا ئىشتاتى 7 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن ئاكتىپ بالانسنى قولغا كەلتۈرگەن، ئاساسلىقى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى سودىسىنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن، ۋاشىنگتون ئىشتاتىنىڭ ئاۋىياتسىيە كەسپىمۇ زور مىقداردا ئېكسپورت تۆھپىسى قوشقان. 


ئىنكاس

Comment

قوللاش
ئورگان ئۈندىدار

ئورگان
ئۈندىدار سالۇنى

شىنجاڭ بايزات سودا ئۇچۇر مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى Copyright ©fxbaybol.com 京ICP备88888888号 Powered by CmsEasy