جۇڭگو ئامېرىكا قىتئەسىدىن ئىمپورت قىلىدىغان نېفىت مىقدارىنى
ئاپتۇر:admin   يوللانغان ۋاقىت:2017-04-05 12:23:29   كۆرۈلىشى:

FX168 مالىيە-ئىقتىساد تورى 1-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

جۇڭگو نېفىت-خىمىيەسى بىرازىلىيە، ئامېرىكا ۋە كانادادىن تېخىمۇ كۆپ نېفىت ئىمپورت قىلىپ، خام نېفىت تەمىنلەشنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا تەييارلىق قىلدى.

تومسون رېيتېرسنىڭ خام نېفىت تەتقىقاتى ۋە مۆلچەر سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 3-ئايدا ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ خام نېفىت ئېكسپورتى رېكورت ياراتقۇدەك يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن، 1-پەسىلدە ئامېرىكا قىتئەسى خام نېفىتىنىڭ جۇڭگو بازىرىدىكى ئۈلۈشى %1.1~%14 يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.

جۇڭگو نېفىت-خىمىيەسىنىڭ باش دېرىكتورى چېن بو: «تەمىنلەش جەھەتتە ناھايىتى چوڭ خىرىسقا دۇچ كەلدۇق» دېدى.

ئۇنىڭ مۇشۇ ھەپتىدىكى بىر مۇھاكىمە يىغىنىدا بىلدۈرۈشىچە، ئاسىيا قىتئەسى «يېڭى رايون»دىن ئىمپورتنى كۆپەيتىپ ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان ئېھتىياجنى قاندۇرۇشى كېرەك ئىكەن.

ئۇ يەنە جۇڭگونىڭ بۇ يىل ئامېرىكىدىن ئېشىپ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ خام نېفىت ئىمپورت دۆلىتىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

چېن بونىڭ ئېيتىشىچە، ئاسيا 2020-يىلىغىچە پۈتۈن دۇنيا نېفىت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلەيدىكەن، چۈنكى ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا قاتارلىق كونا بازارلاردىن سىرت خام نېفىت تەمىنلەشكە ئېرىشمىسە بولمايدىكەن.

جۇڭگو بىرازىلىيە، ۋېنسۇئېلا ۋە كۇلۇمبىيەنى ئاساس قىلغان ئامېرىكا قىتئەسىدىن ئىمپورت قىلغان خام نېفىت مىقدارى 3-ئايدا 5 مىليون 610 مىڭ توننىغا يەتتى، بۇ رېيتېرسنىڭ 2006-يىلىدىن بۇيانقى سانلىق مەلۇماتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسى.

مەسلىھەتچىلىك ئورگىنى Energy Aspectsدىن ۋىرېندرا چائۇھان: «ئىمپورت مىقدارىدا رېكورت يارىتىش تۆۋەندىكى ئامىللارنىڭ تۈرتكىسىگە ئۇچرىغان، يەنى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئازىيىش، ئايرىپ پايدىلىنىش نىسبىتى ئۆرلەش، ئۇل ئەسلىھەنىڭ زورىيىشى ۋە ئىستىراتېگىيەلىك نېفىت زاپىسى ساقلاش» دېدى.

بۇ ئورگاننىڭ مۆلچەرىچە، جۇڭگو باشچىلىقىدىكى ئاسىيا خام نېفىت ئىمپورتى 2017-يىلى بۇلتۇرقىدىن 900 مىڭ باك/كۈن ئاشىدىكەن.


ئىنكاس

Comment

قوللاش
ئورگان ئۈندىدار

ئورگان
ئۈندىدار سالۇنى

شىنجاڭ بايزات سودا ئۇچۇر مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى Copyright ©fxbaybol.com 京ICP备88888888号 Powered by CmsEasy